بىلىنكېن: خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قانۇنسىز ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى قوبۇل قىلمايمىز

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قانۇنسىز ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلىنكېن 13-ئىيۇل ئامېرىكا-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تىلغان ئالغان. ئىككى تەرەپ يەنە ئامېرىكا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك، ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋە كۈچلۈك دەرىجىدىكى خادىملار ئالاقىسىنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە ۋەدە بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى يەكشەنبە خەلقئارا كېسىم سوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ بەش يىللىقى مەزگىلىدە، بايدېن ھۆكۈمىتى سابىق تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسى مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىش قىلمىشىنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىر يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى قاپلىغان دېڭىز-ئوكيان بايلىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ «پۈتۈنلەي قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بويىچە دېڭىز ياقىسىدىكى بايلىقلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي بولسا ئالدىنقى جۈمە خەلقئارالىق كېسىمنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ۋە ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىشامۇددىن چارشەنبە ئامېرىكا-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ رايون ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ رايون مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 855 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2021 11:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق