ئامېرىكا شىركەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، شىركەتلەرنى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، سودا مىنىستىرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى، سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ۋە ئەمگەك مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورگانلار 13-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاندىكى تەمىنلەش زەنجىرى سودا ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. ئاگاھلاندۇرۇشتا شەرقىي تۈركىستاندىكى تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مەبلەغ سېلىشقا چېتىلغان شىركەتلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق خەۋپلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېڭىلانغان سودا ئاگاھلاندۇرۇشىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا داۋاملىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، تۈرمىگە سولاش، خورلاش، باسقۇنچىلىق قىلىش، تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى، دىنىي ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

سودا ئاگاھلاندۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەمىنلەش زەنجىرى ياكى ئەمگەك كۈچى بىلەن ئالاقىسى ياكى مۇناسىۋىتى بار شىركەت ۋە شەخسلەر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان ئورۇن ياكى شەخسلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي خەتەرنى چۈشىنىشى كېرەك ئىكەن.

ئاگاھلاندۇرۇشتا دېھقانچىلىق، يانفون سانائىتى، پاختا مەھسۇلاتلىرى، شېكەر سانائىتى، توقۇمىچىلىق سانائىتى، قۇرۇلۇش سانائىتى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قۇراشتۇرۇش، لۆڭگە، يالغان چاچ قاتارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلدى، دەپ قارالغان 20 كەسىپ كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا بۇنىڭ يەنە تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنمۇ ئوخشاش كۈندە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شۇنداقلا خۇسۇسىي تارماقلار ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىپ، خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 948 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2021 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق