ئەنگلىيە: خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇق تەھدىتىگە تېررورلۇققا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيەنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇق تەھدىتىگە خۇددى تېررورلۇقتىن ھوشيار تۇرغاندەك مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە ھەربىي ئىستىخبارات 5-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى كېن مىكالۇم 14-ئىيۇل باش ئىشتابىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، چەت ئەلدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەنگلىيە خەلقىگە بىئاراملىق، قولايسىزلىق، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىش قاتارلىق ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كېن مىكالۇم سۆزىدە: «بىز چوقۇم چەت ئەلنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش تونۇشىنى تۇرغۇزۇشىمىز ۋە ئۇلارغا ئۇزۇن يىل تېررورلۇققا قارشى تۇرغاندەك ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سەزگۈر سودا ئۇچۇرى ۋە ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغرىلاش، ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىش، شۇنداقلا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئوغرىلانغان ياكى كۆپەيتىلگەنلىكىنى، شىركەتلەرنىڭ تەسلىكتە بەرپا قىلغان تېخنىكىلىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېن مىكالۇم بۇلتۇر خىتاي، رۇسىيە قاتارلىقلارنىڭ ئەمدى ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش قاتارلىق ئەنئەنىۋى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگىلا دىققىتىنى قاراتمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەنگلىيەنىڭ دېموكراتىيەسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي بۇنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ: «بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە قەد كۆتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلاپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 961 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2021 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق