ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 13-ئىيۇل شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان.

پىرېزىدېنت ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باياناتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، سۆھبەتتە سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە سەھىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان قەدەم-باسقۇچلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

سۆھبەتتە ئەردوغان بۇ يىل تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىغا 50 يىل بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا لايىق ھالدا ئۆزئارا تەبرىكلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ  ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە يوشۇرۇن ھەمكارلىق كۈچى بارلىقىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خاتىرجەم، ئەركىن ۋە تىنچ ياشىشىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 995 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2021 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق