داڭلىق شەخسلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوخشىمىغان تەرىقىدە ئاۋاز چىقارماقتا.

ئامېرىكىلىق ۋاسكېتبول ماھىرى، NBA نىڭ سابىق توپچىسى رويس ۋايت 10-ئىيۇل نېۋادادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن كېيىن، CBS قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان مايكىنى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان.

مۇخبىر ئۇنىڭدىن مايكىدىكى سۆزلەرنىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ: «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليون ئاز سانلىق مىللەت جازا لاگېرلىرىغا قامالغان. بىز بۇ ھەقتە توختىلىشمىز كېرەك. سىلەر مېنىڭ دائىم ھەقىقىي ئىشلارنى سۆزلەيدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئۇنىڭ بۇ ئىنسانپەرۋەر ھەرىكىتىنى ماختىغان ۋە رەھمىتىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇندىن باشقا، تۈركىيەدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى «ئۇستا ئاشپەز»نىڭ (MasterChef) بۇ ھەپتىلىك سانىدا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر بۇرجۇ ئۆنال خانىم ئۆزىنىڭ تامىقىنى تونۇشتۇرغاندا «ئۇيغۇر» كەلىمىسىنى تىلغا ئالغان. بۇ چاغدا باھالىغۇچى سومېر سىۋرىئوغلى ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇپ: «شۇنداق، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان مۇجادىلىسى بار. بۇ يەردىن ئۇلارغا سالام. مەن پۈتۈن رايوننىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بالدۇرراق تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن…» دېگەن.

مەزكۇر پىروگرامما تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىليونلىغان كۆرۈرمەنلىرى بار. سومېر سىۋرىئوغلى مەزكۇر پىروگراممىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ھەرخىل ساھەدىكى بىر تۈركۈم داڭلىق شەخسلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئۆچ ئېلىشىغا ۋە بايقۇت قىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1018 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2021 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق