ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا قارشى رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 12-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارالىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىر ئاي ئىلگىرى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىمۇ قاتناشقۇچى دۆلەتلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا: «بىز خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، دۇنيادىكى سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. قۇرۇق نارازى بولغاننىڭ پايدىسى يوق، بىز چوقۇم بۇنىڭ ئورنىغا باشقا تاللاشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك» دېگەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ماسلىشىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىدە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى، بۇنى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تونۇپ يەتكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا باشقا تاللاشلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ياپونىيە ۋە ھىندىستان بىلەن قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە رەقەملەشكەن ئالاقە جەھەتتىكى ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياۋرو-ئاسىيا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ياپونىيە بىلەن ھىندىستان خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىن پايدىلىنىپ، نامرات دۆلەتلەرنى ئېغىر قەرز يۈكى ئارقىلىق كونترول قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنى خۇسۇسىي شىركەتلەرنى مەبلەغ سېلىشقا، كېلەر يىلى 3-ئايغىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشقا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «باغلىنىشچانلىق»نى باش تېما قىلغان مەزكۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە رەسمىي پىلانلاش باسقۇچىغا ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 839 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2021 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق