ئامېرىكا يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بويىچە قايتا ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 12-ئىيۇل يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىلىنكېن دۈشەنبە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار يىللىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن بىرگە بېرما، ئېفىيوپىيە، سۇرىيە، ئىراق ۋە جەنۇبىي سۇدان قاتارلىق ئالتە دۆلەتنىڭ نامىنى ئاتاپ، ئۇلارنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن. دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ يەنىلا خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلدى، دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىلىنكېن دوكلات ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ئىشلەتكىلى بولىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى، جۈملىدىن دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر، چەت ئەل ياردىمى، ئەمەلىي تەكشۈرۈش سېخىمىسى، مالىيە ۋاسىتىلىرى، ئۇچرىشىش ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دوكلاتلارنى قوللىنىمىز. بۇ دوكلات كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن خەلقئارالىق بېسىم ۋە ئىنكاس پەيدا قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىلىنكېن بۇ يىل 1-ئايدا يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا پومپېيونىڭ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ قېتىملىق دوكلات ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1988-يىلى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسۇشنى ۋە جازالاشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما بۇ ئەھدىنامە بۇ مەسىلىنى سەۋەب قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە قورال كۈچى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەرمەيدىكەن. گەرچە خىتاي ۋە باشقا 150 نەچچە دۆلەت مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، خىتاي ئەھدىنامىدىكى بىر ماددىغا قارىتا ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خەلقئارا سوتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئەرز-شىكايەتلەرنى تەكشۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى توسۇپ قويغان.

بۇ خەۋەر 771 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2021 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق