ياپونىيە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ياپونىيە ئىقتىسادىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسى بۇندىن كېيىن تەلەپكە بىنائەن، ھۆكۈمەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىدىكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان بىر پەيتتە، ياپونىيە ئىقتىساد، سودا-سانائەت مىنىستىرلىكى توقۇمىچىلىق سانائىتى ساھەسىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئاساسىي پىرىنسىپ بېكىتىشكە چاقىرغان بولۇپ، بۇ ساھەدىكىلەردىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش رامكىسىنى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ كونكرېت كەسىپلەر توغرىسىدا چىقارغان تۇنجى دوكلاتى ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە توقۇمىچىلىق بىرلەشمىسى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بىلەن ماسلىشىپ، كېلەر يىلغىچە يېتەكچى پىرىنسىپ لايىھەسى تەييارلايدىكەن. بۇ كۆرسەتمىلەر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى، جۈملىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ھەققىگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكى، بالا ئىشچىلارنىڭ بار-يوقلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى بۇندىن بۇرۇن شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نازارەت قىلىدىغان بىر رامكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىل 6-ئايدا يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئەنگلىيەدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانH&M  نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن چەت ئەل ماركىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بايقۇت قىلىشىغا دۇچ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 753 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2021 12:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق