خىتاي ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىن 90 مىليون توننا كان بايلىقىنى توشۇپ كەتكەن

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان 90 مىليون 300 مىڭ توننا كان بايلىقىنى خىتايغا توشۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى تاشيول تىرانسپورتىنى تۆمۈريول تىرانسپورتىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلەتكەن بولۇپ، پويىز تەقسىملەش-ۋاگون تەقسىملەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، شۇنداقلا ئاتالمىش «شىمالىي شىنجاڭ» تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان كۆمۈر، مېتال رۇدىسى قاتارلىق غايەت زور مىقداردىكى بايلىقىنى خىتايغا يۆتكەش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تۆمۈريول تارماقلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق پويىزلارنىڭ قاتناش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۈك ئېلىپ كەلگەن پويىزلارغىمۇ يۈك باسقان. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ شەرقىي جۇڭغاردىن جياڭجۈنمياۋغىچە بولغان رايون بۆلىكىدىكى تومويى، قۇربان، گۇشيادىن ئىبارەت ئۈچ ئۇچرىشىش-يول بېرىش بېكىتىدە بىردەك قاتناش باشلانغان.

بۇ خەۋەر 1192 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2021 12:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق