خىتاينىڭ بىر قانچە ئۆلكىسىدە ئېغىر ئاپەت يۈز بەردى

خىتاينىڭ تېڭشۈن تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 10- ئىيۇل شۇ جاي ۋاقتى سائەت 19:30 ئەتراپىدا، شەنشىدىكى ۋۇتەي تېغى مەنزىرىلىك رايونىدا تۇيۇقسىز ياققان قاتتىق يامغۇر خەتەرلىك كەلكۈنگە ئايلىنىپ، ئۈچ ئادەم يارىلىنىپ بىر ئادەم ئۆلگەن. شۇ جاي ۋاقتى سائەت 18 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىغان. سائەت 19:30 دا خەتەرلىك كەلكۈنگە ئايلىنىپ مۇھىم يوللار توسۇلۇپ قالغان. ئاپەت رايونىغا خىتاينىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش، ج خ تارماقلىرى ئەۋەتىلگەن. 11-ئىيۇل كۈنى سائەت 6 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغان. 11-ئىيۇل كۈنى ۋۇتەي تېغى مەنزىرە رايونى مەمۇرىي كومىتېتى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ساياھەتچىلەرنى خەتەردىن ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، كەلكۈن ئاپىتى 12-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە كېڭەيگەن. كەلكۈن خۇبېي ئۆلكىسى ئېنشى شەھەر كوچىلىرىنى باسقان بولسىمۇ بىراق خىتاي قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بو قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىگە چاقماق ئاپىتى قوشۇلۇپ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.
بۈگۈن خىتاينىڭ گۈيجۇ ئۆلكىسى زۈنيى شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسى چاڭجى شەھىرى، جىلىن ئۆلكىسى بەيچىڭ شەھىرى كەلگۈسى ئالتە سائەت ئىچىدە يۈز بېرىشى مۆلچەرلەنگەن چاقماق ئاپىتى ھەققىدە سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان. گەنسۇ ئۆلكىسى بەييىڭ شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسى تۇڭشۈن شەھىرى قاتارلىق رايونلار مۆلدۈر ئاپىتىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان.

بۇ خەۋەر 760 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2021 22:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق