ئامېرىكا خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھۆكۈمرانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

(CNN) نىڭ 12 – ئىيۇلدىكى خەۋەرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونىي بىلىنكېن 70 يىللىق ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ھۇجۇم قىلىشىدىن قوغداش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى.
بىلىنكېن يەكشەنبە كۈنى مۇستەقىل كېسىم سوتىنىڭ فىلىپپىن تەرەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ سۇ يولى ئۈستىدىكى زېمىن تەلىپىنى رەت قىلىپ چىقارغان قارارىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش باياناتىدا بۇ سۆزنى قىلدى.
بۇ يىل برۇنېي، مالايسىيا، تەيۋەن ۋە ۋيېتناممۇ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيلىك تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.
ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ فىلىپپىننىڭ رايوندىكى مال-مۈلۈكلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكىتى يۈز بەرگەندە، ئامېرىكا ئامېرىكا-فىلىپپىننىڭ ئۆز-ئارا مۇداپىئە كېلىشىمىنى قوللانسا بولىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
بىلىنكېن سۆزىدە: «بىز يەنە شۇنى ئىسپاتلايمىزكى، فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرى، ئاممىۋى پاراخوتلار ياكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئايروپىلانلارغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇم 1951-يىلدىكى ئامېرىكا-فىلىپپىن ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىسىنىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئارا مۇداپىئە ۋەدىسىنى قوللىنىدۇ» دېدى.
بىلىنكېن يەنە خىتاي رېجىمىنى جەنۇبىي دېڭىزدا «خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا» چاقىردى.
2016-يىلدىكى مەڭگۈلۈك كېسىم سوتىنىڭ قارارى خىتاينىڭ مانىلانىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى (EEZ) دىكى ئارال قۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
بېيجىڭ سوتنىڭ ھۆكۈمىنى رەت قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئورنىنى داۋاملىق كۈچەيتتى ۋە رايون دۆلەتلىرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئۇ يەرگە ئەۋەتىش ئارقىلىق رايوندىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 7-فىلوتى باياناتىدا: ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى تەكىتلەپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى پاراخوتى USS Benfold نىڭ دۈشەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى پاراسېل ئارىلىغا يېقىن جايدا يول ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى لېيتېنانت مارك لاڭفورد Lt. Mark Langford خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ رايون دۆلەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ باياناتچىسى تىيەن جۈنلى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ رايونغا كىرگەنلىكىگە قارشى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، زومىگەرلىكى ۋە جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ يەنە بىر پولاتتەك ئىسپاتى» دەپ بىلجىرلىدى.
بىلىنكېن يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا خىتايغا چاقىرىپ قىلىپ: خىتاي «خەلقئارا جەمئىيەتكە، چوڭ-كىچىك بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان دېڭىز-ئوكيان تەرتىپىگە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئېنىق قەدەم ئېلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 676 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2021 22:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق