تالىبانلار تۇيۇقسىز خىتاي ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى ئىلگىرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان بىر پەيتتە، تالىبان تۇيۇقسىز بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، تالىبان ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. بۇ ھەپتە ئىچىدە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ئۆلكىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۇتىشىدىغان تاغلىق چېگرا رايونىنى ئىگىلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىباننىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، تالىبانلارنىڭ بۇ قېتىمقى جەڭ مۇۋەپپەقىيىتى مۇقەررەر ھالدا خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. يېقىنقى مەزگىلدە، تالىبانلار خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىشكە سەل قارىمىغان بولۇپ، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننى كونترول قىلىشىغا خىتاينىڭ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى قاتار پايتەختى دوھادا بايانات ئېلان قىلىپ: «تالىباننىڭ ئاراكان، پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1782 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2021 21:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق