مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئاشكارىلاندى

ھىندىستاننىڭ «خەۋەر 18» تورىنىڭ 8-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشنىڭ سەۋەبى 1 تىرىليون 300 مىليارد دوللارغا چېتىلىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندا ئىسلام دۈشمەنلىكىنى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىشى ۋە ئۇنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ رايوندىكى ئىجرائاتلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى ماختاش قىلمىشلىرى خەلقئارادا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان تۇتۇپ تۇرۇش، لاگېرغا سولاپ ئىرقىي قىرغىن قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش ئارقىلىق زورلۇق بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قىلمىشىنى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيىبلىگەن بىر پەيتتە، پاكىستان باش مىنىستىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ مودېلنى ماختىغان. ئۇندىن باشقا ب د ت دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ياكى ئاۋازغا قويۇلغان پەيىتلەردە، خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ سانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پاكىستان، ئالجىرىيە، بەھرەين، تۈركمەنىستان، ئومان، قاتار، سۈرىيە، كۇۋەيت، سومالى ۋە سۇدان قاتارلىق 1 مىليارد 900 مىليون مۇسۇلمانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەر بولغان.
ئىلگىرىكى مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن تۈركىيەمۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ خەلقئارا سەھنىلەردە خىتايغا نىسبەتەن تېخىمۇ دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا ۋە كۈچلۈك شەكىلدە ئاۋاز چىقىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش قىلمىشىغا سۈكۈت قىلىشى، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشىنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغى ۋە مەزكۇر دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە بەرگەن قەرزى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ يېقىنقى 15 يىلدا ئىسلام ئەللىرىگە سالغان مەبلىغى ۋە ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي كېلىشىمنامىدىكى مەبلەغلەر جەملەنسە تەخمىنەن 1 تىرىليون 300 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. بۇ يەردىكى سانلىق مەلۇماتلار خىتاي بەرگەن مەخپىي قەرزنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

بۇ خەۋەر 1224 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2021 20:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق