تۈركىيە شائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى

قارار گېزىتىنىڭ خەۋەرىگە كۆرە، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 88 شائىر خىتاي رېجىمىگە قارشى بىرلەشمە چاقىرىققا ئىمزا قويۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبەكلەرگە قارىتىلغان «ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى ۋە خىتايغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ: «ئىنسان ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان بارلىق ھەرىكەتلىرىڭلار سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتتىن كەچۈرۈم سوراڭلار» دېگەن خىتابتا بولدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىكنى توختىتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان تۈركىيە شائىرلىرى خىتاي رېجىمىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە ئىنسانىيەتتىن كەچۈرۈم سوراشقا چاقىردى. بالىلار ۋەخپى، دۇنيا بالىلار ئەلچىخانىسى، ئىنسانىيەت مۇداپىئە لىنىيىسى قارمىقىدا جەم بولغان 88 شائىر ئىمزا قويغان «تۈركىيە شائىرلىرىنىڭ خىتاي رېجىمىغا قىلغان چاقىرىقى» ناملىق بىرلەشمە مەكتۇپ تۈركچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىللىرىدا ئېلان قىلىندى.
مەكتۇپتا، شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق يولغا قويۇلغان «ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرغان دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق تەشكىلاتلار ۋە دۇنيادىكى «خىتاي لوبىسى» كونتروللۇقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان. مەزكۇر چاقىرىق تېكىستى خەلقئارا تاراتقۇلارغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق تەشكىلاتلارغا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە تۈركىيەدە ئەلچىخانىسى بار دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە ئەۋەتىلدى.

«بىز دۇنيادىكى بارلىق شائىرلارغا نىدا قىلىمىز»

بالىلار ۋەخپى (تۈركىيە) نىڭ رەئىسى ، دۇنيا بالىلار ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى شائىر مۇستاپا رۇھى شىرىن چاقىرىققا مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلىپ:
«دۇنيا سىستېمىسى 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى بوسۇغىسىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلالماي چارىسىزلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تۇرماقتا. تۈركىيە شائىرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى يوق قىلىنىشقا ۋە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ئۇچراۋاتقان ھەر يەر ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دۇنيانىڭ قېرىنداشلىقى، تىنچلىقى ۋە بەخت-سائادىتى ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق شائىرلارنى مەسۇملار ئۆلتۈرۈلمەكچى بولغان ھەر بىر جايدا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
مەزكۇر 88 شائىر ۋە شائىرەنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قېتىمقى چاقىرىق ھەققىدە ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى كۈچلۈك ئىپادىلەپ بېرىلدى.
شائىرە نۇرگۈل ئۇلۇ خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتايغا خىتاب قىلىپ: «ئىنسان ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان بارلىق ھەرىكەتلىرىڭلار سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتتىن كەچۈرۈم سوراڭلار» شۇنى ئۇنۇتماسلىقىڭلار كېرەككى، قوياش ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئۇزاقلىقتا ۋە ھەممىمىز ئوخشاش قوياشقا قارايمىز. سىلەرنىڭ جىنايەتلىرىڭلار بولسا پۈتكۈل ئاسماننى قاپلىدى. سىىلەر شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملار ۋە ئاھۇ پەريادلارنى يېزىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى قەلەم -قەغەزنىڭمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىشىڭلار كېرەك!» دېگەنلەرنى يازغان.
نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى تونۇلغان شەخسلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە زور ئىلگىرىلەش بولماقتا.

بۇ خەۋەر 1037 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2021 18:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق