تورونتودىن كانادا پايتەختى ئوتتاۋاغا قاراپ مارافونچە يۈرۈش داۋام قىلماقتا

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بىلال مالىك ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىن كانادا پايتەختى ئوتتاۋاغا قاراپ مارافونچە يۈرۈش ھەرىكىتى باشلانغىنىغا بۈگۈن ئالتە كۈن بولدى.
مارافونچە يۈرۈش ھەرىكىتى كانادا كېڭەش پالاتاسىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش مەسىلىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشلانغان بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىىكى قارارسىزلىقى كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ ھەرىكەتنى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بىلال مالىك ئۇيغۇر ئەپەندى باشلىغان بولۇپ، ئۇ فەيسبۇكتىكى شەخسى ھېسابىدا يول بويىدىكى ھەربىر شەھەر – يېزىلاردىن نەق مەيدان تارقىتىپ ئۆزىنىڭ نەگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرماقتا. ئۇ 9 – ئىيۇل كانادا ۋاقتى كەچ سائەت 06:30 لەردە كانادانىڭ بەلۋىل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بىلال مالىك ئۇيغۇر ئەپەندى باشلىغان 15 كۈنلۈك مارافونچە يۈرۈش ھەرىكىتى تاماملىنىدىغان 19-ئىيۇل كۈنى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوتتاۋادا چوڭ كۆلەملىك نامايىش پىلانلانغان. نامايىشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كانادا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلىدىكەن.
ئىلگىرى خەۋىرىمىزدە بەرگەندەك، كانادا كېڭەش پالاتاسىدا مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشىدا كانادا كېڭەش پالاتاسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئەزاسى خۇ يۈەنباۋ ھالقىلىق رول ئوينىغانىدى. ئۇ پارلامېنتتا مەزكۇر قارار ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن سۆز قىلىپ، كانادانىڭمۇ بۇرۇن يەرلىك خەلقلەرنى كەمسىتكەنلىكى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «زىيانكەشلىك قىلىشىنى تەنقىدلەش سالاھىيىتى يوقلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ب د ت دا سۆز قىلپ كانادانىڭ يەرلىك خەلقلەرنى ئەزگەنلىكى، ب د ت نىڭ كانادادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ بىلجىرلىغان ئىدى.
ئۆز ۋاقتىدا كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدېئو خىتايغا دەرھال ئ‍ىنكاس قايتۇرۇپ، كانادانىڭ ئ‍ۆتمۈشتىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ «قايتا يارىشىش كومىتېتى» قۇرۇپ، بۇ خاتالىقىنى تۈزۈتۈشكە كىرىشكەنلىكى، بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ رەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 1179 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2021 18:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق