ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى سولانغان ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ سانى كۆپەيگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 9-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى سولانغان ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ داۋاملىق كۆپەيگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەركىزى كالىفورنىيەگە جايلاشقان ئاممىۋى تەشكىلات RAND ھەرخىل سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە يېڭىدىن سېلىنغان 55 ياتاقلىق مەكتەپنى بايقىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتا-ئانىسى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىنىپ، تىرىك يېتىم بولۇپ قالغان كىچىك بالىلارنى سولاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەر 2017-يىلى سېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ دەل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرى تەسىس قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىكەن. غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن سېلىنغان ياتاقلىق مەكتەپلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلارنى يىغىۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلاش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن. يېڭىدىن بايقالغان دارىلئېتاملارنىڭ كۆپىنچىسى 2017-يىلى ئالتە ئاي ئىچىدە سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش شەكلى بىر-بىرىگە ئوخشايدىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇشلارنىڭ بەزىلىرى يەنە 2019-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، دارىلئېتام ياكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ تاشقى شەكلى بىر-بىرىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بۇ ئەھۋال قۇرۇلۇشلارنىڭ بىر شىركەت تەرىپىدىن سېلىنغانلىقى ياكى ئوخشاش قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ بىردىن كۆپ شىركەتكە ھۆددىگە بېرىلگەنلىكىدەك پاكىتنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بايقالغان بىنالارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 35 مېتىر، كەڭلىكى 15-20 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئىلگىرىكى بىنالارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 15-20 مېتىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بارلىق بىنالارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇلار ئېگىز قورشاۋ تاملار بىلەن قورشالغان ۋە بىرلا كىرىش ئىشىكى بار ئىكەن.

 

مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى 7-، 8-ئايلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەندە توققۇز ياتاقلىق مەكتەپ قۇرغانلىقى، ئۇنىڭغا 5000 ئۇيغۇر بالىنىڭ سولانغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. كېيىن سېلىنغان مەكتەپلەر بولسا ھەر بىرىگە 100 بالا سىغىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.

بۇ خەۋەر 1184 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2021 18:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق