خىتاي ئافغانىستاندىكى پۇقرالىرىنى جىددىي تارقاقلاشتۇردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي ئافغانىستاندىكى پۇقرالىرىنى جىددىي تارقاقلاشتۇرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيەت ئەھۋالى يامانلاشقان. خىتاي 2-ئىيۇل مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ئافغانىستاندا ئىشلەۋاتقان 210 خىتاي پۇقراسىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئۆتكەن 20 يىلدا ئافغانىستاننىڭ كان ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالغان. نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرى خىتاي ھۆددىگەرلىرىگە ئەگىشىپ ئافغانىستاندا ئىشلەشكە باشلىغان. ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، تالىبانلار قىسمەن شەھەرلەرنى قورشاشقا باشلىغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئافغانىستانغا مەبلەغ سالغان مال-مۈلۈكلىرى خەتەر ئاستىدا قالغان، ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىغا كاپالەت قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 9-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ۋە رۇسىيە باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېلەر ھەپتە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى چېكىنىشكە باشلىغان بىر پەيتتە، تالىبانلار ئافغانىستان ھۆكۈمەت قىسمىغا قارىتىلغان ئەجەللىك ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن. ئافغانىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە مۇساپىرلار چېگرادىن ئۆتۈپ، تاجىكىستانغا قېچىپ كەتكەن. ئافغانىستاننىڭ بۇ خىل ۋەزىيەت ئەھۋالىدىن خىتاي، رۇسىيە ۋە ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر بۇ ئەھۋالدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشقا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى، رۇسىيە ۋە رۇسىيە باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى زۆرۈر تېپىلغاندا ھەل قىلغۇچ تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا رايونىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تالىبانلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، بارلىق ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ ئىسلام قانۇنى ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، ياخشى مائارىپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەمەلدارى دىراۋا باياناتىدا: «بىز ئافغانىستان جەمئىيىتىدىكى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

بۇ خەۋەر 929 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2021 18:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق