ئامېرىكا خىتاينىڭ 14 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 9-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ 14 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو Gina Raimondo جۈمە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ياكى قاتنىشىش ئېھتىماللىقى بولغان 34 سانائەت شىركىتى ۋە ئورۇننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىم قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەت ۋە ئورگاننى قوشقاندا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاينىڭ شىركەت ۋە ئورگانلىرى جەمئىي 43 گە يەتكەن. بۇ قېتىمقى 34 شىركەتنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ 14 شىركەت ۋە ئورگىنى بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرۇش قىلمىشى، كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، مىللەتلەرنى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىشقا چېتىشلىق ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ ئورگانلىرى يەنە، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» گە چېتىلىدىكەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى بىۋاسىتە قوللايدىغان بەش ئورۇننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ئورۇنلىرى لازېر نۇر بىلەن جەڭ قىلىش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، فېدېراتسىيە تىزىملاش جەدۋىلىگە قارىغاندا شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ تىزىملىكىدە، خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىلىم-پەن تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ ليەنخەي چۇاڭجى ئۇچۇر تېخنىكىسى، لې ئاڭ تېخنىكىسى، شىنجاڭ تاڭلى تېخنىكىسى ۋە شېنجېن پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ئۇچۇر تېخنىكىسى، شىنجاڭ شىلىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى، بېيجىڭ گېلىڭ شېنتوڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى، شېنجېن شەھىرى خۇاڭ تەيجى تېخنىكىسى ۋە چېڭدۇ شىۋۇ شىنەن ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى قاتارلىق 14 شىركەت بار ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ۋۇخەن رايكۇس تالالىق لازېر نۇر تېخنىكىسى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئامېرىكىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى رۇخسەتسىز ھەربىي مەقسەتتە سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 851 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2021 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق