پاكىستان رەھبەرلىرىدىن نومۇس قىلارلىق بايانات

پاكىستان ئىسلام ئۆلىمالىرى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋە دىنىي ئالىم مەۋلانا فازلۇرراھمان ۋە پاكسىتان ئىسلام جامائىتى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سىراجۇلھەق خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز قوشنىسى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئىسلام ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماستىن خىتاينى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن ۋە ئۇنى مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ يېنىدا تۇرغان دەپ سۈپەتلىگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەزكۇر ئىككى لىدەرنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى. رەئىس ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان، مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلغان، قۇرئاننى كۆيدۈرگەن، ئىسلام بۇيرىغان ئىبادەتلەرنى چەكلىگەن، 8 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ قىيىن – قىستاق بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان، مۇسۇلمان قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان تېررورچى خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى ئىسلامى ۋە ۋىجدانى مەسئۇلىيەت بابىدىن بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماستىن خىتاي كومپارتىيسىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن تەبرىكنامە سەۋەبلىك چوڭقۇر ئەپسۇسلانغان ھالدا قاتتىق ئەيىبلەيمەن!
ئىسلام دۇنياسىنىڭ پەرۋاسىزلىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە قۇلاق يۇپۇرۇپ تۇرۇۋېلىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ئەھۋالدۇر.
ئاللاھ ئاقىۋىتىمىزنى خەيرلىك قىلسۇن» دېگەنلەر تىلغا ئېلىندى.
مەزكۇر ئىككى پارتىيە رەھبىرىنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىمۇ ئايرىم بايانات ئېلان قىلدى ۋە رەئىس ۋەكىلى ماھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، مەزكۇر ئىككى پارتىيە رەھبىرىنىڭ ئىسلامى كىملىك سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى كۆرمەسكە سېلىشى ۋە ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان كوممۇنىست پارتىيىنى ئاغزىغا – ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋە مەزكۇر ئىككى رەھبەرنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەت شايكىسى بولغان خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ماختاپلا قالماي بەلكى ئۇنى مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇردى دەپ تىلغا ئېلىشىنىڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلمەي تۇرۇپ ئەمەس، بەلكى بىلىپ تۇرۇپ قىلىنغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ دەرھال تەۋبە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.
شۇنداقلا ئۇ سۆزىدە خەلقىمىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ باياناتى ۋە زالىم بىلەن بىرگە تۇرغانلىقى سەۋەبلىك خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى، بۇلارنى ئەيىبلەيمەن دەپ ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا ياكى ئىسلامغا تىل تەككۈزۈپ سېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۇ ۋە بۇ خىلدىكى ھەرقانداق مەيدانسىزلىق ۋە پەسكەشلىكتىن مەڭگۈ ئادا – جۇدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن پاكسىتاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى رەئىسى ئۆمەر ئۇيغۇر مەزكۇر ئىككى شەخسنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى ۋە سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان شۇنچىۋالا ۋەھشىيلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

بۇ خەۋەر 1283 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2021 19:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق