تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇسىيە دىپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشتى

news rthk تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، قوشنا دۆلەت چېگرا رايونى ۋە نورمال تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تالىبان ئەزالىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدە، تالىباننىڭ ئافغانىستان پورتلىرى ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ نورمال داۋام قىلىدىغانلىقىغا كاپالەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى كابۇلوف بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىنى ئاشكارىلىغان. تالىبانلار رۇسىيە دىپلوماتلىرىغا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ چېگراسىغا ھۇجۇم قىلماسلىققا ۋە ئافغانىستاندىكى دىپلومات خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تالىبان ۋەكىللىرى يەنە، سۆھبەت ئارقىلىق ئەبەدىي تىنچلىقنى ساقلاشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىسلام قائىدىسى ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئادىتى دائىرىسى ئىچىدە، ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 957 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2021 19:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق