ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن ۋاز كەچكەن ئۇكرائىنا خىتاي بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

قوللاشتىن ۋازا كەچكەن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ كېلىشىم ئۇكرائىنا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى قوللاشنى بىكار قىلغاندىن كېيىن تۈزۈلگەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى تېزلىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ ۋە ئۇكرائىنا ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئالېكساندر كۇبراكوف كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە، خىتاي بىلەن ئۇكرائىنا دۆلەت ئىچىدە مەبلەغ ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تاشيول، كۆۋرۈك ۋە تۆمۈر يول تۈرلىرى ۋە بىرلەشمە تۈرلەردە ئاكتىپ ھەمكارلىشىش ئۈچۈن كېرەكلىك ياردەم بېرىدىغان ۋە قوللايدىغان بولغان. بۇنىڭدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات ۋە مۇناسىۋەتنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەر كۆزدە تۇتۇلغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى بەرگەن خەۋەرلەردە، بۇ كېلىشىم ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى، گەرچە ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ساھەدە ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ خەۋەر 948 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2021 19:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق