ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەكلىپىنى رەت قىلىش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 8 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئالغانلىقى سەۋەبلىك ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 7 - ئىيۇل كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە دىپلوماتلىرىنى بېيجىڭنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىققا چاقىرىق قىلىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگە بېلەت تاشلىغان. 29 ئاۋاز قارشى تۇرغان، 73 ئاۋاز ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. نەتىجىدە 578 بېلەت ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن مەزكۇر تەكلىپ ماقۇللانغان.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدە، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىدىن ئەگەر خىتاي خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق رايونلار ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىمىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر قاراردا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» نى تاقاش، «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش، گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرىنى قولغا ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى قاتتىق ئەيىبلەنگەن. قاراردا يەنە، خىتاينىڭ چەكتىن ئېشىپ خوڭكوڭنىڭ ئەركىن جەمئىيىتىنى بۇزۇش، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش، سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلارنى قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ياۋروپا پارلامېنتى خوڭكوڭ دائىرىلىرىدىن بارلىق مۇخبىرلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. قاراردا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي ۋە خوڭكوڭدىكى شەخس ۋە ئورگانلارغا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ئەگەر خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىسا، خان جەمەتى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 752 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2021 19:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق