خىتاينىڭ تەھدىتى ئامېرىكا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى: «خىتاينىڭ تەھدىتى ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى قوزغىيالمىدى» دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، گېنېرال مايور مايكېل ستۇدمان 7-ئىيۇل كۈنى پارتىيە سىرتىدىكى تەشكىلات «ئاخبارات ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك بىرلەشمىسى» ساھىبخانلىق قىلغان تور مۇھاكىمە يىغىنىدا يۇقىرىقى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يەنە، «مەن ۋاشىنگتوندىكى قانچىلىك كىشىنىڭ خىتاينىڭ ھەقىقىي تەھدىتىنى تونۇغانلىقى ھەققىدە ئويلاندىم. راستىنى ئېيتسام، ئۇلار دىققىتىنى مەزكەزلەشتۈرسىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان بەزى ئىشلارنى ئاسانلىقچە بايقىيالمايدۇ» دېگەن.
ستۇدمان بۇ ھەقتە يەنە، بۇ تەھدىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتالماسلىقتىكى بىر قىسىم سەۋەب شۇكى، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئۇرۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشنى كۈرەش داۋامىدىكى تەبىئىي ھادىسە دەپ قارايدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، دۇنياۋى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابى، بەش بۇرجەكلىك بىنا ۋە ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، ھازىر پېنسىيەگە چىققان ئادمىرال داۋىدسون بۇ يىلنىڭ بېشىدا پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىنى ئىگىلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېزلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بايدىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇندىن باشقا ئامېرىكا باش ئىشتاب رەئىسى، گېنېرال مىللېر ئالدىنقى ئايدا پارلامېنتتا: «خىتاي ئەگەر تەيۋەنگە قورال كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك ئەمەلىي ھەربىي كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن تېخىچە يىراق» دېگەن. بەزى تەتقىقاتچىلار يەنە خىتاينىڭ دۇنيانى كونترول قىلىش يولىدا بەزى چوڭ توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 850 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2021 18:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق