يەنە بىر دۆلەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

بېلگىيە پارلامېنتى 8-ئىيۇل قارار ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. بۇ قارار 125 ئاۋازنىڭ قوللىشى 12 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن چىقىرىلغان.

بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى سامۇئىل كوگولاتى تەرىپىدىن جىددىي كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلگەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ئاخىرى نەتىجىسىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ساموئىل كوگولاتىنىڭ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىل 3-ئايدا ئۇنىڭغا ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنداقلا 4-ماي بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ۋە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان يىغىنىمۇ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

 

نۆۋەتتە بېلگىيە پارلامېنتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، لىتۋانىيە پارلامېنتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ۋە ئېغىر باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان 6-دۆلەت ئورگىنى بولۇپ قالدى.

بۇ خەۋەر 881 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2021 18:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق