خىتاي ۋە گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋە گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تور ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى، گېرمانىيە پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرامپ-كارېنباۋېر ( Aangret Kramp-Karrenbauer) بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې جەنۇبىي دېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى، گېرمانىيە پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرامپ-كارېنباۋېر ۋېي فېڭخېغا 2016-يىلى ئېلان قىلىنغان كېسىم قارارىغا بويسۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، مەزكۇر قارار خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزنىڭ قىسمەن جايلىرىغا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىشىنى چەكلەيدىكەن. مۇداپىئە مىنىستىرى كرامپ-كارېنباۋېر يىغىندا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردا، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى جەنۇبىي دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ رايونىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بايرېن (Bayern)پاراخوتى بۇ يىل 8-ئايدا ئاسىياغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن ھەمدە قايتىش سەپىرىدە ۋىيېتنام ۋە خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ، 2002-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى جەنۇبىي دېڭىزدىن ئۆتكەن گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتى بولۇپ قالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرامپ-كارېنباۋېر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىلەرنىڭ پايدىسىز تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، داۋاملىق ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

بۇ خەۋەر 879 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2021 20:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق