ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش تەرتىپىنى تېزلىتىشكە چاقىردى

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش تەرتىپىنى تېزلىتىش ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۇرغۇن ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۈگۈن ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە قىلغان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەدبىرلەر ئىچىدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىسمەن بايقۇت قىلىش ۋە پاختا سودىسىنى چەكلەش قاتارلىقلار بار ئىكەن.
ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىر نەچچە ئاي تەكشۈرۈش قىلغاندىن كېيىن دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش تەكلىپى بەرگەن.
دوكلاتتا يەنە، بۇ يىل 4-ئايدا پارلامېنت ئەزالىرى سىمۋوللۇق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى، بۇ جىنايى قىلمىشلارغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ چەكلەشكە چاقىرىق قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەتنى بۇ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان
پارتىيە ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن بارلىق دىپلوماتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە يول قويۇشقا مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ كەتكەنلەرگە بېرىلىدىغان سىياسىي پاناھلىق تەرتىپىنى تېزلىتىش، غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «پاناھلىق بەرگۈچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى» قۇرۇشنى قوللاشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 732 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2021 20:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق