بايدىن خوڭكوڭ ۋەزىيىتى سەۋەبلىك ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەتنى ئۇزارتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن خوڭكوڭ ۋەزىيىتى سەۋەبلىك ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەتنى ئۇزارتىش توغرىسىدا مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقساراي 7-ئىيۇل خىتاينىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكىغا داۋاملىق تەھدىت بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، پىرېزىدېنت ترامپ ئىلگىرى ئېلان قىلغان جىددىي ھالەتنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتنىڭ «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي كۈچ قانۇنى» غا ئاساسەن 13936-نومۇرلۇق مەملىكەتلىك جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان مەمۇرىي بۇيرۇق تىلغا ئېلىنغان.
پىرېزىدېنت بايدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى، جۈملىدىن يېقىندا خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىنى تۈپتىن بۇزۇش ئۈچۈن قوللانغان ھەرىكەتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى، تاشقى سىياسەت ۋە ئىقتىسادقا ئادەتتىن تاشقىرى تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنغان مەملىكەتلىك جىددىي ھالەت 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىشى كېرەك» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىتاي خوڭكوڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى مەجبۇرىي يولغا قويغانلىقى سەۋەبلىك ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسى ماقۇللىغان «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنى» نى ئىمزالىغان ۋە شۇ كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، تاشقى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىغا ئالاھىدە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بېكىتكەن ھەمدە خىتاينىڭ بۇ تەھدىدىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 696 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2021 19:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق