يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

بىرلەشمە خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى زېلاندىيە ئۆكتىچى پارتىيە ئەزاسى گېررىي بروۋنلېي پارلامېنتقا تەكلىپ سۇنۇپ، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى مۇنازىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسى بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىشقا قارشى تۇرغان. شۇ سەۋەبلىك ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولغان.

يېڭى زېلاندىيە خەۋەر تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆكتىچى پارتىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېررى بروۋنلېي(GerryBrownlee)بۈگۈن تەكلىپ سۇنۇپ، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توسۇپ قېلىش ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. گەرچە بۇ تەكلىپ يېڭى زېلاندىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى نانايا ماھۇتا (Nanaia Mahuta)تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق بروۋنلېي ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنىڭ بۇ تەكلىپكە كىرگۈزۈلۈشنى توسۇپ قالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. شۇ سەۋەبلىك بروۋنلېي تەكلىپكە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. بروۋنلېي ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى پارلامېنتتىكى ئورۇننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەچكە، ئۇ بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ پارلامېنتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن بولمىغانلىقىنى، ئۇ ئەسلىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى پارلامېنتىنىڭ خاتىرىسىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئاتاشنى رەت قىلىشىغا بولغان نارازىلىقىغا قارىتا، ماھۇتا يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەرۋاسىز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» خەلقئارالىق ئېغىر جىنايەت بولغاچقا، خەلقئارا سوت چوقۇم خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنۇشى ھەمدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يەكۈنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى چوقۇم تولۇق دەلىل-ئىسپاتلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان يېڭى زېلاندىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى گاھرامان(Golriz Ghahraman)گېررى بروۋىنلېينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاپلا قالماي، يەنە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى گاھرامان تەكىتلەپ: «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىلغان قىلمىشىغا ئوخشاش خاراكتېردىكى جىنايەت» دېگەن.
گېررىي بروۋىنلى(GerryBrownlee)ئاخىردا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەردىكى ھەر قايسى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇ تەكلىپنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىدا خىتاي كومپارتىيەسى قوشۇلمايدىغان ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش باتۇرلۇق» دېگەن.

بۇ خەۋەر 978 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2021 20:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق