ۋاخان رايونى تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى

مېپا خەۋەر تورىنىڭ 6 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانىستاندا كۈنسىرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تالىبانلار ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان ۋاخان رايونىنى كونتروللۇقىغا ئالدى.
دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ئۆلكىسىنىڭ ۋاخان رايونى ئافغانىستاننى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان «ۋاخان كارىدورى» بىلەن داڭلىق رايون.
يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، مەركىزى بەداخشاننىڭ مەركىزى فېيزابادتىن باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.
يەرلىك مەنبەلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاخان رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا يارىشىش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ رايون توقۇنۇشسىز ھالدا تالىبانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋە رايون تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن.
رايوندىن تارقىتىلغان سىنئالغۇدا، بىر قانچە كىشىدىن تەركىب تاپقان تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رايون مەركىزىگە يېتىپ كېلىپ، رايون خەلقى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ۋاقتى كۆرسىتىلدى.
ۋاخان رايونىنىڭ تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈشى بىلەن تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان چېگرىسىنى ئىگىلىگەن بولدى.
ۋاخان رايونىدا جەمئىي 112 يېزا بار بولۇپ، بۇ يەردە تەخمىنەن 16 مىڭ ئادەم ياشايدۇ. پامىرلىقلار، قىرغىز، تاجىك ۋە ۋاھىلار بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن بادگىس ۋالىيسى ھۇسامىتتىن شەمس مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تالىبانلارنىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى بادگىس ۋىلايىتىدىكى بارلىق ناھىيەلەرنىڭ كونتىروللۇقىنىڭ تالىباننىڭ ئالقىنىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ناھىيەلەرنى قولغا چۈشۈرگەن تالىبانلارنىڭ ۋىلايەت مەركىزىگىمۇ ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، بادگىس ۋىلايەتلىك شۇرا (كېڭەش) مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇل ئەزىز بېك تالىبانلارنىڭ ۋىلايەت مەركىزىنىڭ بەزى رايونلىرىنى ۋە بادگىس تۈرمىسىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئابدۇل ئەزىز بېك تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەرلىك مەسئۇللارنىڭ قېچىش ئۈچۈن بادگىس ئايرودورومىغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارمۇ توختىماي داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 1061 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2021 19:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق