ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ 22 تۈرلۈك يالغانچىلىقىغا رەددىيە

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئورگان تورى 5-ئىيۇل «شىنجاڭ ھەققىدە 22 خىل يالغان ۋە رىئاللىقلار» ماۋزۇلۇق يالغان تەشۋىقات تارقىتىپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىك ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» نى تۇترۇقسىز توقۇلما بايانلار بىلەن ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.
مەزكۇر ساختا باياناتتا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ھەمدە خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشى ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلاپ چىقىلغان سەۋەبسىز لاگېرغا سولاش، دىنىي ئېتىقادىدىن يېنىشقا مەجبۇرلاش، لاگېرغا سولانغانلار تۇتقۇنلارنى قىيناش، تېررورغا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا بېرىش -كېلىش ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇش، خەلقنى كەڭ-كۆلەملىك نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەسچىتلەرنى چىقىۋېتىش، مازار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى ئۆيلەرنى چېقىۋېتىش، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە سولاپ خىتايلاشتۇرۇش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز-دېرىكى بولماسلىق، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىش مەقسىتىدە پاسپورتلىرىنى يېڭىلاپ بەرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىسپاتلىغان قىسمەن گۇۋاھچىلارمۇ تىلغا ئېلىنغان ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر مەسىلىلەردە تۇترۇقسىز ياسالما بايانلار بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.
خىتاينىڭ تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان تۇترۇقسىز يالغان ياۋىداق بايانلىرىغا تۆۋەندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپاتلىرى ھەمدە ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان پاكىتلىق خەۋەرلىرى ھەقىقى ئەھۋالنى كۆرسىتپ بېرىدۇ:
ئادرىيان زېنز خىتاي تور بەتلىرىدىن ئېلىنغان پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ ئېلان قىلغان دوكلاتتا، 2018-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەقەت ئۈچ ۋىلايىتىدىن ئاز دېگەندە 570 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي پاختا تېرىشكە سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇنىڭ 2019-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش سىياسىتى ھەققىدە نۇرغۇن دەلىللەر بىلەن تەمىنلىدى.
ئۇ يەنە، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى بىر مىللەت ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» دەپ سۈپەتلىدى.
2020-يىلى 3-ئايدا ئاشكارىلانغان قاراقاش ھۆججەتلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ-كۆلەمدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
2019 -يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ مۇستەقىل خەلق سوتى خىتاي كومپارتىيەسىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى» دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
خىتاينىڭ «ئائىلەم قەيەردە؟» ناملىق نامايىشقا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكى، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنىڭ مۇھىم ئىسپاتلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16- مارتتىكى خەۋىرىدە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا 2020-يىلى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ 3 مىليون 154 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇستەقىل ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە% 50 كە يېقىن تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
شاڭخەي ئاممىۋى بىخەتەرلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئاشكارىلىغان دەلىل ئىسپاتلاردا بولسا، شاڭخەي ج خ ئىدارىسىنىڭ 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ھۆججەت ۋە كۆزىتىش خاتىرىسى قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى، ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى (ABC) ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخبارات تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزۈلگەن ھۆججەتتە، بۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر گۇمانلىق تېررورچىلار » تىزىملىكى ئىچىدە، 400 دىن ئارتۇق قورامىغا يەتمىگەن بالىلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاران بەش ياش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ خاتىرىلەنگەن. ئۇلار خىتاي ج خ ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن.
سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا يەنە، تەخمىنەن 8000 ئاتالمىش«ئۇيغۇر تېررور گۇماندارى» ۋە ئاتالمىش«جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش توپى» قاتارلىق تۈرمىگە سولىنىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى بارلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاينىڭ يەنە تۈرمىدە ئىشارەت بىلەن مەخپىي ناماز ئوقۇغان مەھبۇسقا 10 يىل جازا قوشقانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئىسمايىل سىدىق ئىسملىك كىشىنى باشقا مەھبۇسلارنىڭ تۈرمە ئىچىدە تېلېۋىزور كۆرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىشارەت ئۇسۇلى بىلەن مەخپىي ناماز ئوقۇدى دەپ ئەيىبلەپ «مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش» قاتارلىق تۆھمەتلەرنى توقۇپ، ئەسلىدىكى جازا مۇددىتىگە 10 يىل قوشقانلىقى ئىسپاتلاندى.
39 ياشلىق رەناگۈل غېنى دادىسى ۋاپات بولغاندا دۇئا-تىلاۋەت قىلغانلىقى ۋە قۇرئان ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي تەرىپىدىن 17 يىل كېسىلىپ تۈرمىگە تاشلاندى.
ب د ت ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە يېڭى ئىسپات بايقالغان بولۇپ، خىتاي 20 يىل ئىچىدە ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئىچىدىن 4 مىليون 500 مىڭ ئادەمنى ئازايتىشنى پىلانلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەش-ئالتە يىلدىن بېرى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەنلىكىنى، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەبلىك ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ جازالانغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بىر ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارلىق دەلىل ئىسپاتلار ئالدىدا ئۇلارنىڭ بىرىگىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلمەيلا قالماي نومۇسسىزلارچە باھانە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ساختىپەزلىكىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 875 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2021 12:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق