لاگېر شاھىتلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لاگېر شاھىتلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن تور ئارقىلىق كۆرۈشكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 6-ئىيۇل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېردىن قۇتۇلغان ئۇيغۇر شاھىتلار بىلەن تور ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرىنى ئاڭلىغان ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، خىتايغا قانداق بېسىم قىلىش مەسىلىسىدە ئۇلاردىن پىكىر ئالغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا يېڭى جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن يەتتە لاگېر شاھىتى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلىنكېن بۇ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلاش، ئۇلاردىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىك ۋە نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى تەسىراتىنى ئاڭلاش تولىمۇ مۇھىم دەپ قارىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ: «بۇ سۆھبەت قاتناشقۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ھەر ئىككى ھۆكۈمەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك جازالىغان. سابىق تاشقى ئىشلا مىنستىرى مايك پومپېيو ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بىر قانچە قېتىم لاگېر شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، تىبەتنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دارامسالادا 86 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن تىۋىتتېر ھېساباتىدا دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن. ئۇندىن باشقا ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىمۇ تۋىتتېر ھېساباتىدا ئۆزىنىڭ دالاي لاماغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېنمۇ سەيشەنبە كۈنى فېيسبۇك سەھىپىسىدە دالاي لامانىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن.

بۇ خەۋەر 913 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2021 12:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق