دەۋادىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس، ھەق ساھىبى بولغان ھەق تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماڭىدىغان ھەق دەۋا يولىنى تاللىۋېلىش ھەرقانداق ئىنسانغا نېسىپ بولۇۋەرمەيدىغان بىر نېمەتتۇر. شۇنداقلا بۇ نېمەتنىڭ ئاخىرەتتىكى ساۋابىنىڭ يۇقىرىلىقىغا بېقىپ، بۇ يولدا ئۇچرايدىغان مۈشكۈلچىلىكلىرىمۇ شۇنچىلىك كۆپ. بۇ مۈشكۈلچىلىكلەرنى يېڭىش ئۈچۈن يالغۇزلا ھەق دەۋاغا بولغان ئاشنالىق، ساۋابقا بولغان ئىنتىلىشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى بۇ يولدا قىيىنچىلىق، كۈتۈلمىگەن چاغدا يولىمىزدا پەيدا بولىدىغان داۋان، دەسسەپ ئۆتۈش ياكى ئاتلاپ ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان تىكەنلىك، سازلىق، مۇزلۇق يوللار، چوڭقۇرلۇقىنى پەرەز قىلغىلى بولمىغىدەك ئېقىنلارنىڭ ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ. خوش، ئۇنداقتا بۇ يوللاردا داۋاملىق مېڭىش، ماڭغاندىمۇ نەتىجە قازانغان ھالدا نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن نېمىلەرنى بىلىشىمىز كېرەك؟

ئالدى بىلەن بۇ جاپالىق يولدا مېڭىش ئۈچۈن غەيرەت ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىگە قارىتا چۈشىنىش ۋە ئالدىن تۈزۈلگەن بىر پىلان خەرىتىسى بولۇش كېرەك. ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئۇنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە چارە ئىزدەيدىغان تەييارلىق بولۇش كېرەك. خۇددى بىرلا ۋاقىتتا نەچچىلىگەن ئىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر زاپچاسقا ئوخشاش تۈرلۈك ئەھۋالدا تەمتىرەپ كەتمەي، سۈكۈت بىلەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئاڭقىرالايدىغان پىكىر ۋە ھېكمەت ئىگىسى بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ يەردە يەنە ئىدىيەدە تەييارلىق قىلىش زۆرۈر بولغان باشقا بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ بۇ يولدا ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان سەپەرداشلارنىڭ يېرىم يولدا چۈشۈپ قېلىپ، سىزنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشى ياكى سىزگە ئاسىيلىق قىلىپ قېلىشى ئېھتىماللىقى ۋە ياكى ئىشەنچ قىلغان تەرەپلەردىن، ئويلىمىغان يەردىن ئاھانەتكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى.

دەۋادا ئوڭۇشلۇق مېڭىش مۇمكىن بولمىغاندىمۇ، يولغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان تۈرلۈك ئەھۋاللارغا قارشى دەۋا ئىگىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك پىرىنسىپال نۇقتىلاردىن بىرقانچىنى بۇ يەردە بايان قىلىپ ئۆتسەك پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

ھاياجاندىن يىراق بولۇش، سوغۇققان، تەمكىنلىكنى ساقلاش

ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان كىشى ياكى ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز بىرەر زىيان ياكى يامان ئاقىۋەتكە دۇچ كەلگەندە دەرھال ھاياجانلىنىش، قايغۇرۇش، غەزەپلىنىش... قاتارلىقلار ھېس-تۇيغۇلار تەبىئىي ھالدا كۆرۈلىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى بولالمايدۇ. بۇنىڭ چارىسى بار دېيىلگەندىمۇ، پەقەتلا سوغۇققان، تەمكىن ھالەتنى ساقلىغاندا ئاندىن تەدبىر قوللانغىلى بولىدۇ.

مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئايرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

ناۋادا يۈز بەرگەن بۇ توسالغۇ ياكى ئوڭۇشسىزلىق مەلۇم بولغان ھامان ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى، ماھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈشكە قانچە تېز ھەرىكەت قىلىنسا، ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ، توسالغۇنى بۆسۈشنىڭ چارىسىمۇ شۇنچە ئاسان تېپىلىدۇ. بۇ يەردە ھەممىدىن بەك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، شىكايەت، باشقىلارنى ئەيىبلەش، زارلىنىش، ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ھۇجۇم قىلىش، ئۆچ ئېلىش، جازا خاراكتېردىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ھېچقانداق ئىشقا يارىمايلا قالماي، مەسىلىنى تېخىمۇ چىگىشلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

«ھەر ئىشتا بىر خەيرلىك بار» دەيدىغان مۆمىنلەرگە خاس بولغان نېگىزلىك چۈشەنچىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق

 ئەگەر بۇ ھەق يولدا نىيەتلەر دۇرۇس، تەدبىرلەر ئەتراپلىق، تىرىشچانلىقلار تولۇق بولۇپ تۇرۇپ، يول ئۈستىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسا، بۇنىڭ چوقۇم بىر ئىلاھىي ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىگە ئىمانىمىز كامىل بولۇش، «ئاللاھ ھەر ئىشنىڭ خەيرلىكىنى نېسىپ قىلسۇن» دەپ تەسلىمىيەتچىلىك مۇئامىلىسىدە تۇرۇش لازىم.

ھەق يولدىكى بۇ ئوڭۇشسىزلىق بىرەر ئورۇن، بىرەر گۇرۇھ ياكى بىرەر شەخسلەر تەرىپىدىن قەستەن ياكى مەقسەتسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەھۋالدا دەرھال ئاتلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋە ئىنتىقام تۇيغۇسىدا كېيىن پۇشايمان قىلغۇدەك ئاقىۋەتكە قالىدىغان ئىش-ھەرىكەتتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بۇ چاغدا يەنە ئەڭ كېرەك بولىدىغىنى ئىشنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ئىنچىكە كۆزىتىش ۋە ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە باش قاتۇرۇش، ئېتىلگەن ئىشىكنى ئېچىشقا تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلغاننىڭ ئورنىغا، باشقا ئىشىك، بولمىسا باشقا بىر پەنجىرە ئىزدەشكە تىرىشىش.

ھەق يولغا چىقىشتىن بۇرۇن تۈرلۈك ئېھتىماللىقلارغا قارىتا تەييارلىق پوزىتسىيەسىدە بولۇش قانداق مۇھىم بولسا، يول ئۈستىدە ئالدىغا چىققان، كۈتۈلمىگەن مۈشكۈلچىلىكلەرگە، زىيانلارغا قارىتا تەۋرەنمەس ۋە كەينىگە چېكىنمەيدىغان قارارى مۇستەھكەم بىر ھالەتنى نامايەندە قىلىشنىڭ بۇ قىيىنچىلىقنى پەيدا قىلغان قارشى كۈچلەرنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىگە بىر بېسىم ھاسىل قىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ھەم بىلىپ يېتىش كېرەك.

ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەسلىك

ناۋادا بۇ يولغا قەدەم قويغان كىشى ھەق يولدا مېڭىشقا ھەقىقىي بەل باغلىغان بولسا، بۇ يولدىكى تاغدەك توسالغۇلار ئۇنى ئارقىغا قايتۇرماسلىقى كېرەك. بىلىش كېرەككى، ئالدىغا چىققان توسالغۇنىڭ چوڭلۇقى، مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى، ئەزىيىتىنىڭ ئېغىر بولۇشى ماڭغان يولىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ۋە ساۋابى كاتتا يول ئىكەنلىكىنىڭ ئىشارىتىدۇر.

ھاياتتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋالنىڭ بىرى شۇكى، ئىنسان قىلغان ھەرقانداق بىر ئىشتا غەلىبە قازانغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن سوئال سورايدىغانلار كۆپ بولغىنىدەك، ئوخشاشلا قىلىۋاتقان ئىشتا مەغلۇبىيەت، تەۋرىنىش ياكى ئىلگىرىلىيەلمەستىن چارىسىزلىق كۆرۈلگەندە ھەم سوئال يامغۇرىغا تۇتۇلىدۇ. غەلىبە قازانغاندا سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئاسان بولغىنى بىلەن، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ھەم رېئال ئەھۋالدىن، ھەم ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى تەرەپتىن تەسكە توختايدۇ. بىراق شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇنداق ئەھۋالدا سورالغان سوئاللارغا ئەڭ باشتىكى تەۋرەنمەس تۇيغۇسى بىلەن ئىنتايىن خاتىرجەم ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا جاۋاب بېرىش ئېتىلگەن ئىشىكلەرنىڭ ھېچ ئويلىمىغان ۋەسىلىلەر بىلەن ئېچىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىقى شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغان نۇقتا شۇكى، بۇ ھەق يولدا يۈز بەرگەن ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈنۈشتە پۈتۈنلەي باشقىلار ياكى سىرتقى سەۋەبلەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، شۇ نۇقتىنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىق كېرەك. يەنى ئەڭ ئاۋۋال «ئەجەبا مەن ياكى بىز نەدە، قانداق خاتا قىلىپ قالدۇق؟ باشقىلارنىڭ بۇ قەدەر مۈشكۈلچىلىك، توسالغۇ پەيدا قىلىشى، ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىدا يولىمىزغا تىكەن چېچىشىغا مەن ياكى بىزدىكى قايسى غەپلەت، قايسى كەمچىلىك، قايسى جەھەتتىكى بىخۇدلۇق، قايسى خىل خاتا قارار ياكى ئۇسلۇبى توغرا بولمىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت سەۋەب بولدى؟» دەپ پىكىر يۈرگۈزۈش بولسا ئەڭ ئاقىلانىلىك ۋە مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىدۇر.

 مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

2021-يىلى 23-ئىيۇن، ئىستانبۇل

 

بۇ خەۋەر 1873 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2021 21:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق