CNN خىتاينى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدىغان خەۋەر ئېلان قىلدى

مىللىيەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ مەخپىي ئۇرۇش پىلانى ئاشكارىلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن، CNN قانىلى تېخىمۇ جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان بىر خەۋەر ئېلان قىلغان.
خەۋەردە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتقان بېيجىڭ رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە يىراقتىكى ئىككى قوشنىسىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن يۈزلىشىۋاتقانلىقى، ياپونىيەنىڭ مانىلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە ۋە فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كېلەر ھەپتە تۇنجى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
مانېۋىر ئەلچىخانا تەرىپىدىن ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى ۋە «مۇھىم بۇرۇلۇش» دەپ تەسۋىرلەنگەن. مانېۋىر 5-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە فىلىپپىننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئامېرىكىنىڭ سابىق ھەربىي ئەسلىھە بازىسى بولغان كىلارك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن 2015-يىلى 1-ئايدا تېخىمۇ قويۇق مۇداپىئە مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت شۇنىڭدىن كېيىن 17 قېتىم بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. ياپونىيە يەنە فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى چارلاشنى كۆپەيتىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان مۇداپىئە ۋە تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكىگەن.
ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئېھتىماللىقىغا قارشى ئىنتايىن مەخپىي ئۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، دونالد تىرامپنىڭ پىرېزىدېنتلىقىنىڭ ئاخىرقى يىلى يولغا قويۇلغان بۇ پىلاندا خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان سېنارىيەگە قارىتا ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى پىلانلانغان.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بىرلەشمە مانېۋىرغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، بۇ، توقۇنۇش يۈز بەرگەندە توكيو تەمىنلىيەلەيدىغان بازا ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ياپونىيەنىڭ بۇ خىل توقۇنۇشقا ئارىلىشىش ئېھتىماللىقىنى ئالاھىدە باھالىغان بۇ خەۋەردە ۋاشىنگتوننىڭ ياپونىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قانداق ئۇرۇشتا تايىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىر ئەمەلدار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە تەيۋەن بىلەن جىددىي ھالدا ئۈچ تەرەپ ئورتاقلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. بۇ خىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بەزىلىرى تەيۋەن-ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەمبەھرىلىنىدۇ . ئەمما بىزنىڭ ئۈچەيلەن سۈپىتىدە بىۋاسىتە ئۈلۈشىمىز يوق» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن ۋە سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ: «بۇ خىل ئىتتىپاقنى ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن دەرھاللا باشلىيالمايسىز. ئۇ ھازىردىن باشلىنىشى كېرەك» دېدى.
دوكلاتتا يەنە: «ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئەمەلدارلىرى 2017-يىلى ئىتتىپاقداش ئايروپىلانلارنى پەرقلەندۈرۈشكە قولايلىق يارىتىدىغان ھەربىي ئايروپىلان كودىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمىدىن كېيىن ھەمكارلىقنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېيىلگەن.

بۇ خەۋەر 1066 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2021 20:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق