خىتاي مۈجمەل تۆھمەتلەر بىلەن بەش كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق » ج خ نازارىتى ئاتالمىش «توردا قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان» دېگەن مۈجمەل تۆھمەتلەر بىلەن بەش كىشىنى توتۇپ توختىتىپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي رېجىمى ئىشغال تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلدى ۋە تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىپ سانسىزلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىيالى تۆھمەتلەر بىلەن يوق قىلىپ كەلدى. 2017-يىلىغا كەلگەندە تېخىمۇ قەبىھ ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ مەھەللە كومىتېتىكى قورچاق ئەمەلدارلاغا ئادەم تۇتۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇپ، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش تېررور سىياسىتىنى باشلىغان ئىدى. خىتاي بۇ خىل تېررور سىياسىتىنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرماقتا.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە تۇتۇپ توختىتىپ قويۇلغانلارنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپ، جازالانغان كىشىنىڭ كىملىكىنىڭ ئورنىنى X بىلەن ئىپادىلىگەن. قەشقەر ۋىلايىتىدىن بىر كىشىنى 4-ئاينىڭ7-كۈنى ئۇچۇرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن-سىننى تارقاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئاتالمىش «توردا ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىش جىنايىتى» ئارتىپ قولغا ئالغان. قەشقەر ۋىلايىتىدىن يەنە بىر كىشىنى ئوخشاش خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئۈن-سىننى تارقاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئاتالمىش «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» ئارتىپ قولغا ئالغان.
خەۋەردە يەنە، خوتەن ۋىلايىتىدىن بىر كىشىنى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوخشاش ۋاسىتە بىلەن ئاتالمىش «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن يەنە بىر كىشىنى «پىتنە-ئىغۋا تارقاتتى» دەپ ئەيىبلەپ توختىتىپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى خەلقئارادا پاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل رەزىل ۋاستىلەر، يالغان مەيدان ياساش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمشلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1293 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2021 20:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق