يېڭى زېلاندىيە ئىشچىلار پارتىيەسى خىتاينى ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋالغانلىقى ھەققىدە ئەيىبلىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 5-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە ئىشچىلار پارتىيەسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى زېلاندىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋالغان دەپ ئەيىبلىگەن. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ يۇقىرقى سۆزلىرى خىتاينى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان مەزكۇر پارتىيەگە نىسبەتەن يېڭىلىق ئىكەن.
يېڭى زېلاندىيە دۆلەتلىك رادىئوسى (RNZ) نىڭ 5-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىسىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لۇئىسا ۋال
(Louisa Wall )نى زىيارەت قىلغان . ئۇ مۇخبىرغا: «خىتايدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەر شارىدىكى قاراڭغۇ بازار سودىسى ئۈچۈن يۈرەك، ئۆپكە، كۆز ۋە تېرە قاتارلىق ئەزالارنى يىغىۋېلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى» بىلدۈردى. ئۇ ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ مەسلىھەتچىسى گېففرېي نايس(Geoffrey Nice)ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى خىتاي تەرىپىدىن داۋاملىق مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىپ، خەلقئارادىكى ئىچكى ئورگان بازىرىغا ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ بېرىپ، «بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىپ، يېڭى زېلاندىيەدە يۆتكەپ كۆچۈرۈلگەن ئەزالارنىڭ خىتايدىن كەلمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئىئانە قىلىش جەريانىنىڭ ئەخلاق قائىدىسىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش كېرەك» دېگەن.
لۇئىسا ۋال سۆزىدە يەنە، خىتاي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان نەچچە مىليۇن ئادەمنى لاگېرغا سولاپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنى ئەنگلىيە ۋە كاناداغا ئەگىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يېڭى زېلاندىيە رادىئوسى كانتېربۇرىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى برادىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: يېڭى زېلاندىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ خىتاينى ناھايىتى ئاز تەنقىدلەيدىغانلىقىنى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ خىتاي ھەققىدە سۆز قىلغاندىمۇ خىتاينى نارازى قىلىدىغان سەلبىي سۆزلەرنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدىغانلىقىنى، باش مىنىستىر جاسىندا ئاردېرن بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماھۇتانىڭ پىروگراممىغا چىقىشنى رەت قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خەۋەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 761 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2021 20:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق