خىتاي ئافغانىستاندا ئامېرىكىنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرماقچىمۇ؟

ھۆررىيەت تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى بازىلاردىن چېكىنىشنى ئاساسەن تاماملىغان بىر پەيىتتە، خىتاي ئۇرۇشتىن ھېرىپ كەتكەن دۆلەتكە كىرىشكە تەييارلىق قىلماقتا.
كابۇل ئەمەلدارلىرى بېيجىڭنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى ئاستىدا 62 مىليارد دوللارلىق خىتاي-پاكىستان كارىدورىنى كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. 2013-يىل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان ۋە 2017-يىلى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرى بىلەن، خىتاي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە قاتناش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئافغانىستان بىلەن پېشاۋۇر ئوتتۇرىسىدا يول ياسىماقچى. يېقىنقى 5 يىلدا، خىتاي تۈرلۈك مەبلەغلەر بىلەن ئافغانىستاننى بىر بەلۋاغ بىر يول تۈرىگە كىرگۈزمەكچى بولدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى مەۋجۇتلۇقى كابۇلنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇردى. ئانالىزچىلار نۆۋەتتە ئامېرىكا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ كابۇل تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئەمما بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي ئافغانىستانغا كىرگەن تەقدىردە تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 721 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2021 19:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق