خىتاي يادرو ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى ئورناتقان

«نيۇرك ۋاقىت گېزىتى »نىڭ 5- ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا ئىستراتېگىيەلىك يادرو ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى ئورناتقانلىقى ئەيىبلەندى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى قۇملۇقتا 119 تىپىلىق قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى بايقىغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىستراتېگىيەلىك يادرو ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ ئەھۋالنى سودا سۈنئىي ھەمراھ رەسىمىدە بايقىغان بولۇپ، بۇ ئورۇن گەنسۇ ئۆلكىسىگە جايلاشقان ئويمانلىقتىكى قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى يۇمېن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىدا ئىكەن.
خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتى يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىغا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي يادرو پىروگراممىسى مۇتەخەسسىسى جېفرېي لېۋىس
(Jeffrey Lewis) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي لايىھەلىگەن كونترول مەركىزى ۋە قويۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئامېرىكىنىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ بەلكىم سابىق ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى كونترول قىلىش سۆھبىتىگە قوشۇۋېلىشى ئۈچۈن تىرىشىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە، بۇ سۆھبەت ھازىرغا قەدەر پەقەت ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئەمما خىتاي قورال كونترول قىلىش سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ، يادرو قورال ئامبىرىنىڭ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ يادرو دۆلىتىدىن كۆپ كىچىك ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەخپىي ئورۇن توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە تېخىچە جاۋاب بەرمىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس (Ned Price) بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا جاۋابەن: «خىتاينىڭ بۇ خىل قۇرۇلۇشنى كۆپەيتىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەن. خىتاي 2019-يىلى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە «يادرو كۈچىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلايدۇ» دېگەن. خىتاي يەنە، يادرو قوراللىرىنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتمەسلىككە، شۇنداقلا يادروسىز دۆلەتلەرگە قارشى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەرگەن.

بۇ خەۋەر 632 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2021 19:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق