خىتاي «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىق جىنايىتى» نى بىخەتەرلىك تەدبىرى دەپ ئاقلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» ئاخبارات ئىشخانىسى «5-ئىيۇل قىرغىنلىق جىنايىتى» نىڭ 12 يىل بولغان 5-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا «5-ئىيۇل قىرغىنلىق جىنايىتى» ۋە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى تەسىس قىلىپ ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشقان.
يىغىندا، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «مۇرەككەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شارائىتى ئاستىدا، ئۆزلىرىنىڭ «ب د ت نىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەسى» بويىچە ئىش كۆرۈپ، تېررورچىلارنى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تەسىس قىلىپ ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالدى ئېلىنىپ تۆت يىلىدىن بىرى شىنجاڭدا ھېچقانداق ۋەقە چىقمىدى» دەپ بىلجىرلىغان.
ئۇ سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى تېررورلۇققا قارشى ئېلىنغان تەدبىر دەپ ئاقلاپ، جىنايى قىلمىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
كۆزەتكۈچىلەر، مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەش-ئالتە يىلدىن بېرى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەبلىك ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ جازالانغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بىر ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە، قازاقىستان، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋاملىشىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە؟» ناملىق نامايىش ھەرىكىتىدىكى نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىگە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا تېخىچە ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە يۇقىرىقىدەك نومۇسسىزلارچە باھانە كۆرسەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ ساختىپەزلىكىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك ۋە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 676 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2021 19:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق