خىتاي تاراتقۇسى: تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ باسقۇچ بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك كەيپىياتىنى قوزغاپ، ئاتالمىش «خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش»نى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ، ئامېرىكا ۋە تەيۋەننىڭ بىر قىسىم تاراتقۇلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ خەۋەرنى قايتا بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ئورگىنى «پاراخوت بىلىملىرى» ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ بايان قىلغان.
بىرىنچى باسقۇچتا، خىتاي ئارمىيەسى قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ، تەيۋەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئايرودۇرۇم، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى ۋە تەيۋەن ئارىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا جايلاشقان قوماندانلىق مەركەزلىرىنى ۋەيران قىلىدىكەن.
ئىككىنچى باسقۇچتا، قۇرۇقلۇق، ئۇرۇش پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن بۈركۈت ھۇجۇمى-91 ۋە ئۇزۇن قىلىچ-10 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، تەيۋەننىڭ ھەربىي بازىسى، قورال-ياراغ ئىسكىلاتى، رادار، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە تاشيوللارنى بومباردىمان قىلىدىكەن.
ئۈچىنچى باسقۇچتا، ئۇرۇش پاراخوتى ۋە قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان راكېتا ئەترىتى بىرلىكتە ئوق ياغدۇرۇپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ تەيۋەن ئارىلىغا كىرىشىدىكى ئاخىرقى توسالغۇنى تۈگىتىدىكەن.
«پاراخوت بىلىملىرى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مىكرو بىلوگقا يوللانغان كارتون فىلىمدا تەيۋەنگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولۇپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تۇيۇق يولدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى قەيت قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «تولۇق بىرلىشىشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەۋرەنمەس تارىخىي ۋەزىپىسى» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە پوپوزا قىلىپ: «ھېچكىم خىتاي خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىكى كېرەك» دېگەن.
يېقىنقى ئايلاردا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جىددىيلەشكەن بولۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى جار سېلىشلىرى كۆپەيگەن ۋە تەيۋەنگە بولغان ھەربىي بېسىممۇ زور دەرىجىدە ئاشقان. بۇ جەرياندا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەر خىل ھەربىي ئايروپىلانلىرى تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كۆپ قېتىم بۆسۈپ كىرگەن.

بۇ خەۋەر 752 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2021 09:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق