خىتاينىڭ ئۇيغۇر بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى يوقىتىش جىنايىتى داۋاملاشماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش سىياسىتىگە ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چاققان ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلغاندىن سىرت، يەنە زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى، ئىسلامىي، مىللىي ئۇسلۇبتىكى ھويلا-ئاراملارنى ۋەيران قىلغان ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا غۇلجىدىكى قويۇق مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان مەلۇم بىر قورۇ ئۆينىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنىڭ قومۇرۇلۇپ، ئۆرۈۋېتىش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقى، يەنە بىر سىندا مەلۇم يېزىدىكى يول بويىغا جايلاشقان ئۆيلەرنىڭ پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىپ، خىش، ياغاچلىرىنىڭ دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقى، يەنە بىر سىندىمۇ ئوخشاشلا يول بويىدىكى بىر ئۆينىڭ كىران بىلەن چېقىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
گەرچە خىتاي بۇ جىنايىتىنى قىسمەن ئېتىراپ قىلىپ، بەزى باياناتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنىڭ، ئۆيلەرنىڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى، رېمونت قىلىش ئۈچۈن يىقىتقانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سىنلاردا كۆرسىتىلگىنىگە ئوخشاش يېڭىدىن سېلىنغان مىللىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭمۇ چېقىلىۋاتقانلىقى خىتاينىڭ بۇ باھانىسىنىڭ پۈتۈنلەي ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنى ئولتۇراق رايونلىرىغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1705 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2021 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق