ياپونىيە كىيىم-كېچەك شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە كىيىم-كېچەك شىركىتى Uniqlo تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى بايقۇت قىلىش دۇنيا مىقياسىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، فىرانسىيە ئەدلىيە تارماقلىرى Uniqlo ، Inditex، SMCP ۋە Skechers قاتارلىق تۆت كىيىم-كېچەك شىركىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش مەسىلىسى بويىچە تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ياپونىيە كىيىم-كېچەك شىركىتى Uniqlo 2-ئىيۇل بۇ ھەقتە جاۋاب قايتۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
Uniqlo شىركىتى باياناتىدا شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىگەن. باياناتتا: «بىز تەمىنلەش زەنجىرىمىزدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن، تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىۋاتىمىز» دېگەن.
فىرانسىيەدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى، ئەخلاق بەلگىسى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ۋە بىر لاگېر شاھىتى بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى يوشۇردى» دەپ، مەزكۇر تۆت شىركەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ، فىرانسىيە دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بۆلۈمى ئالدىنقى كۈنلەردە مەزكۇر ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ تۆت شىركەتكە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
زارانىڭ ئانا شىركىتى Inditex فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تولۇق ماسلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «شىركەت ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قىلچە يول قويماسلىق مەيدانىدا تۇرىدۇ ھەمدە سىياسەت ۋە تەرتىپلەرنى ئورنىتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن. SMCP شىركىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Uniqlo شىركەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، شىركەت ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر بولسا، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1043 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2021 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق