ش ئا ئە ت ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ بازىدىن چېكىنىپ چىقتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى 20 يىلغا يېقىن تۇرغان باغرام (Bagram)بازىسىدىن تولۇق چېكىنىپ چىققان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ باگرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى بارلىق بىرلەشمە ئەسكەرلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 20 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئافغانىستان ئۇرۇشى داۋامىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەزكۇر بازىدىن ئۇچۇپ، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، باگرام ھەربىي بازىسى پايتەخت كابۇلنىڭ شىمالىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئورگىنى ئىكەن. ئۇزۇن يىللار مابەينىدە بۇ ئورۇن ئامېرىكىنىڭ ئەسىرلەرنى قولغا ئېلىپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. 2013-يىلى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ كونتروللۇقى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۆز ۋاقتىدا ئون مىڭلىغان ئامېرىكا ئەسكىرى باگرامغا ئورۇنلاشقان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بارلىق ئەسكەرلەر 11-سېنتەبىردىن ئىلگىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىدىكەن. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، بىر تۈركۈم ھەربىي بازىلار ئافغانىستان ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم خادىملىرىمۇ ئافغانىستاندىن ئايرىلغان.
تالىبانلار بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، چەت ئەل ئەسكەرلىرى ئارىلاشمىغان تەقدىردە، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچارلىشىدىكەن. 1996-يىلدىن باشلاپ تالىبانلار ئافغانىستاننى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان بولۇپ، 2001-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي ئىتتىپاق تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە تالىبانلار بۇ رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى قايتىدىن كونتروللۇقىغا ئېلىشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 1011 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2021 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق