تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

2-ئىيۇل ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى پارلامېنت ئەزاسى (مىللەت ۋەكىلى) زەپەر سىراكايا ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.
سىراكايا ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات رەجەپ شەنجان، مۇئاۋىن رەئىسى فاخرى شاھىن قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى تەشكىلات مەسئۇللىرى كۈتۈۋالدى.
ھەيئەت يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت داۋامىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، مائارىپ ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرى تونۇشتۇرۇلدى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈۋاتقان بىر نەچچە تۈرلۈك ئارزۇ-تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى. ئاخىرىدا مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1528 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2021 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق