ئامېرىكا سودا مىنىستىرى: شى جىنپىڭ ئامېرىكىنى نىشان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى شى جىنپىڭنىڭ 1-ئىيۇل تىيەنئەنمېن مەيدانىدا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنى نىشانلىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رېيموندو (Gina Raimondo) 1-ئىيۇل CNBC مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بىز بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىشىگە ۋە خىتاي بازىرىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. خىتاي قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىسا، ئاندىن بىزنىڭ بازىرىمىزغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ» دېگەن.
بۇ يىل يىل بېشىدا ئادىداس، H&M قاتارلىق خەلقئارالىق ماركىلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنى بايقۇت قىلغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە كۆڭۈل بۆلۈپ بايانات ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتايلارنىڭ نارازىلىقىغا ۋە پىلانلىق بايقۇت قىلىشىغا دۇچ كەلگەن.
سودا مىنىستىرى رېيموندو يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئامېرىكا خىتايغا قارشى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدۇ، ئامېرىكىلا ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيەگە ئىشىنىدىغان ۋە ئورتاق قىممەت قاراشقا ئىگە ئىتتىپاقداشلار خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان، ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت قىلمىشلىرىنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن.
شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت سالغان تەرىقىدە: «خىتاي خەلقى تاشقى كۈچلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا، ئېزىشىگە ۋە قۇل قىلىشىغا يول قويمايدۇ. كىمكى بۇنداق قىلماقچى بولسا، بىر مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقىنىڭ قان-گۆشلىرى بىلەن قوپۇرۇلغان پولات سېپىلغا ئۈسۈپ، باش-كۆزىنى قانغا بويايدۇ» دەپ پوپوزا قىلغان. گەرچە خىتاينىڭ سۆزىدە بىرەر دۆلەتنىڭ ئىسمى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىشىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسى دەپ قارالماقتا.

بۇ خەۋەر 990 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2021 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق