ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تېزلىتىشى ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئىيۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتايغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىق تىلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى گرېگورىي مىكىس (Gregory Meeks) بۇ يىل ماي ئېيىدا «ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنى ۋە ئەھدىسى قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مىكىس چارشەنبە چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرە يىغىنىدا مەزكۇر قانۇننىڭ دائىرىسىنى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مىكىس سۇنغان لايىھەدە خىتاينىڭ خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ تىبەت سىياسىتى قايتا تەكىتلەنگەن ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»مۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەدە يەنە خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلاش جەريانلىرى قەيت قىلىنغان بولۇپ، دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان.
لايىھەدە يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەگەر خىتاي تېررور سىياسىتىنى توختاتمىغان تەقدىردە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ياكى ئورۇننى قايتا بەلگىلەشكە چاقىرغان.
مىكىس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسىلىسىدىكى ئەڭ مۇھىم قانۇن لايىھەسى» دېگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى سۆھبەتلىشىپ، خىتاي تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، «ئىككىنچى تۈرلۈك ئېتىبار قىلىنىدىغان مۇساپىرلار» سالاھىيىتىنى بېرىش تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭ شەرتىگە توشىدىغانلار 2021-يىلى 1-يانۋارغىچە شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىگە تەۋە بولغان، 2009-يىلى 30-ئىيۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئايالى، ئوغۇل-قىزلىرى ۋە ئاتا-ئانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 958 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2021 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق