فىرانسىيە ئەدلىيە ئورگىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئەرزنى قوبۇل قىلدى

يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن تۆت كىيىم-كېچەك شىركىتى فىرانسىيەنىڭ ئەدلىيە ئورگىنى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
فىرانسىيەدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى، ئەخلاق بەلگىسى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ۋە بىر لاگېر شاھىتى بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى يوشۇردى» دەپ، مەزكۇر تۆت شىركەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بۆلۈمى مەزكۇر ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ تۆت شىركەتكە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
ئەرز قىلغان شىركەتلەر ئىسپانىيە كىيىم-كېچەك شىركىتى «ZARA»نىڭ ئانا شىركىتى «Inditex» گۇرۇھى، ياپونىيەنىڭ ئەرزان باھالىق كىيىم-كېچەك ماركىسى «UNIQLO»، ئامېرىكا تەنھەرىكەت ئاياغ ماركىسى «SKECHERS» ۋە «Sandro»، «Maje» قاتارلىقلارنىڭ ئانا شىركىتى SMCP ئىكەن.
ئەرزدە بۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ نازارەت ھەيئىتى تەسىس قىلغانلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئارقىلىق پايدا ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ فىرانسىيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا چېتىشلىق بىر دېلونى قوبۇل قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1115 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2021 12:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق