شى جىنپىڭ كومپارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈنىدە پۈتۈن دۇنياغا پوپوزا قىلدى

خىتاي كومپارتىيەسى 1-ئىيۇل خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئالاھىدە خاتىرىلىگەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى تەشكىللەنگەن.
شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنى خىتاينىڭ قۇتقۇزغۇچىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە پۈتۈن دۇنياغا ھەيۋە كۆرسىتىپ: «خىتاي خەلقى تاشقى كۈچلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا، ئېزىشىگە ۋە قۇل قىلىشىغا يول قويمايدۇ. كىمكى بۇنداق قىلماقچى بولسا، بىر مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقىنىڭ قان-گۆشلىرى بىلەن قوپۇرۇلغان پولات سېپىلغا ئۈسۈپ، باش-كۆزىنى قانغا بويايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان. شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلەر يەنە 1-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس ۋە ئورگانلارنى مۇكاپاتلىغان. خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ساقچى باشلىقى تۇرغۇن ئۆمەر، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز، قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تارماق ئەترىتىدىكى 2-دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى ئىمىنجان تۇراق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 3-چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غالىپجان سىراجىدىن، ئۇلۇغچات ناھىيەسى بۆرىتوقاي يېزىسى ئاقىچى كەنتىدىن پاشاگۈل كېرەم قاتارلىق قورچاق ئەمەلدارلار ۋە شەخسلەرگە «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىلگەن، 11 ئورگانغا «ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ نام بېرىلگەن.
1-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. جۈملىدىن ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىنغان.
بايانات ئىستانبۇلنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تۆت تىلدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تۈركچە بايانات ئۈسكۈداردا، ئۇيغۇرچە بايانات ئەمىنۆنۈ مەيدانىدا، ئىنگلىزچە بايانات ئورتاكۆي مەيدانىدا، ئەرەبچە بايانات بەيازىت مەيدانىدا ئېلان قىلىنغان.
باياناتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 72 يىل مابەينىدە تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە باھانىلەر بىلەن مىليونلىغان كىشىلەرنى قىرغىن قىلغانلىقى، جازا لاگېرىغا قاماپ، تۈرمىگە تاشلاپ قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى، ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، تۇغۇلمىغان بالىلارنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلغانلىقى، نۆۋەتتە بولسا شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە بۇ جىنايىتىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغان.

بۇلاردىن سىرت، 1-ئىيۇل ئەنگلىيەدىكى 50 تىن ئارتۇق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا «ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە» نامىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشقا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن كىيىم كىيىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان تاختايلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 72 يىللىق ئىشغالىيىتىنىڭ مىليونلىغان خەلقىنىڭ قان-ياشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمدىن تولۇق قۇتۇلۇش يولىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 825 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2021 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق