ئامېرىكىدا «خوڭكوڭلۇقلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تېزلىتىش» قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ پارتىيە ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، خوڭكوڭلۇقلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى توم مالىنوۋىسكى (Tom Malinowski) ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ئادام كىنزىنگېر (Adam Kinzinger) سەيشەنبە بىرلىكتە تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولۇپ، كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
بۇ قانۇن لايىھەسى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىش ئىلتىماسىنى ھەر خىل يوللار بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دىپلومى بارلار، شىركىتىدە 50 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بارلار، شىركەتنىڭ مۈلكى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلارمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، تەكلىپ لايىھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق ئىتتىپاق قۇرۇپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشمۇ تىلغا ئېلىنغان.
مالىنوۋىسكى خىتاي خوڭكوڭدا يولغا قويغان دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ خوڭكوڭ خەلقى ئۈچۈن ئاپەت بولغانلىقىنى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە ئەركىنلىكنىڭ سودىلىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويسا، خوڭكوڭدىكى تالانت ئىگىلىرىدىن قۇرۇق قېلىپ، ئامېرىكا بۇنىڭدىن نەپ ئالىدىكەن. پارلامېنتتىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ئورتاق تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇشى گەرچە ئىككى پارتىيەنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «خوڭكوڭ خەلق ئەركىنلىكى ۋە تاللاش قانۇنى» ئۆتكەن يىلى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان بولسىمۇ، بىراق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى كىرۇز تەرىپىدىن كېڭەش پالاتاسىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر قانۇن يولغا قويۇلۇپ قالسا، خىتاينىڭ كەڭرى كۆچمەنلەر سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىغا سىڭىپ كىرىش خەۋپى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 843 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2021 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق