«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش تەكلىپى كانادا كېڭەش پالاتاسىدا رەت قىلىندى

كانادا ئاۋام پالاتاسى بۇ يىل 2-ئايدا ئاۋازغا قويۇپ تەستىقلىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتەلمىگەن.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا كېڭەش پالاتاسى 29-ئىيۇن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋاز قويغان. نەتىجىدە 29 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 33 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 13 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى رەت قىلىنغان.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى توغرىسىدىكى مۇنازىرىدە كېڭەش پالاتا ئەزاسى، خىتاي مىللىتىدىن بولغان خۇ يۈەنباۋ (胡元豹) قارشى ئاۋاز بەرگەن بولۇپ، ئۇ كانادانىڭ يەرلىك مىللەتلەرنى خورلىغان قورقۇنچلۇق تارىخى بارلىقىنى، شۇڭا كانادانىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە باشقا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى بۇ تەكلىپكە قارشى ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، كانادانى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى سۈپىتىدە خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تەكلىپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن، تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىيو خوساكوس (Leo Housakos) تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «بۇ ئەھۋال كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئەمما ھەيران قالارلىق ئەمەس» دېگەن.
ئۇ مۇنازىرىدە: «مۇستەبىت خىتاي ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىي جىنايەت سادىر قىلماقتا. ئەمما خىتاي بۇ سەۋەبلىك جازاغا تارتىلمىدى. خىتاي كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆزگە ئىلماي، تەكەببۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ئەھۋاللارنىڭ كونترولسىز داۋام قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.
كانادا باش مىنىستىرى تىرۇدو ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلارغا ئېرىشىش لازىملىقىنى بىلدۈرمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «كانادا كېڭەش پالاتاسىدا خاتا تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنىشى ئاز ساندىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستىنى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق سۇيىقەستى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇ چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 792 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2021 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق