خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوردېنىغا ئېرىشكەن مەمەتجان ئۆمەرنىڭ بىر قىسىم قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئېنىقلاندى

خىتاي كومپارتىيەسى 29-ئىيۇن «1-ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقاتقان بولۇپ، مەمەتجان ئۆمەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرمۇ بۇ ئوردېنغا ئېرىشكەن 29 كىشىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
مەزكۇر ئوردېن 2017-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوردېنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكى ھېسابلىنىدىكەن ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە ئالاھىدە سادىق كىشىلەرگىلا بېرىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 1952-يىلى تۇغۇلغان مەمەتجان ئۆمەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۇلۇقاي كەنتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ، 1973-يىلىدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسىگە جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، بولۇپمۇ 1997- 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن.
بىز خىتاينىڭ بەيدۇ تورىدىن مەمەتجان ئۆمەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەش ئارقىلىق نەچچە يىلدىن بىرى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ھەققىدىكى بىر قىسىم ماتېرىياللارغا ئېرىشتۇق.
ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، مەمەتجان ئۆمەر 1996-يىلىنىڭ بېشىدا يېزىدىكى بىر قىسىم ياشلارنىڭ دائىم يىغىلىش قىلىۋاتقانلىقىنى، يىغىلىشقا تەشكىللىگۈچىنىڭ باشقا يۇرتتىن كەلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋە ئۇلارنى «مەشرەپ باھانىسىدا دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك سۆزلىرىنى تارقاتقان» دەپ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرىغا دوكلات قىلغان.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ بالدۇر بايقاپ، يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى سەۋەبلىك 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ھەرىكىتىگە ئونيار يېزىسى بۇلۇقاي كەنتىدىن ھېچكىم قاتنىشالمىغان.
1997-يىلى 26-ئىيۇن كەچتە مەمەتجان ئۆمەر كەنت قورۇسى ۋە كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلىلىرىغا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋاراقچىسى تاشلانغانلىقىنى بايقىغان ۋە دەرھال يېزا كادىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى باشقىلار كۆرۈپ بولغۇچە يىغىۋالغان.
ئۇ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يەنە «2015-يىلىدىكى خىتاينى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر»نىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئوردېننىڭ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىتىلغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئوردېنغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە تاللانغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1362 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2021 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق